خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار داۋوس خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى ھەم ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئېشىش ئەندىزىسى، ئوچۇق، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى، ئادىل، مۇۋاپىق تۈزەش ئەندىزىسى، تەڭپۇڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرلىكتە زىممىسىگە ئېلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لوئىتخارد، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شۋاب ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا يىغىن زالىغا كىردى، مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
شۋاب ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لوئىتخارد باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ھەم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ھەم پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار بىلەن كاپىتالنىڭ ئايلىنىشى، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ھەقىقەتەن يېڭى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن دۇنياغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى نوقۇل ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىساق بولمايدۇ، بۇنداق قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشقىمۇ پايدىسىز. بىز ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ماسلىشىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى تۈگىتىشىمىز، ئۇنى ھەر بىر دۆلەتكە، ھەر بىر مىللەتكە ياخشى نەپ يەتكۈزىدىغان قىلىشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن دادىل ئىش كۆرۈشىمىز، مۇۋاپىق باشقۇرۇشىمىز، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئوبيېكتىپ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىشىمىز، دۆلەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يولى ۋە رىتىمىنى توغرا تاللىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا سىڭىشىشىمىز، ئۈنۈمنى كۆزلىشىمىز، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان ئاممىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى