خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار داۋوستا بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. پادىشاھ فىلىپ ئىككىمىز 2014-يىلى، 2015-يىلى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-بېلگىيە رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. بېلگىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بېلگىيەنىڭ دوستانە سىياسىي ئاساسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوغداپ كەلدى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن. جۇڭگو بېلگىيە بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى؛ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئالىي ياسىمىچىلىق، بىيولوگىيەلىك دورا، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى باشتىن-ئاخىر قوللاپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا سودا قورۇقچىلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، باراۋەر، ئەركىن بولغان دۇنيا سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىش سىستېمىسىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو بېلگىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى