باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ «خەلق تورى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2017.01.17 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلق تورى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 16-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن «خەلق تورى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

  تەستىقىي يوليورۇقنىڭ پۈتۈن تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «خەلق تورى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. 20 يىلدىن بۇيان، «خەلق تورى» مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ قۇدرەت تېپىپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش كۈچى، جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، سىرتقا تارقىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، باش شۇجىنىڭ ئاخبارات-جامائەتچىلىك پىكرى ۋە تور تەشۋىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، قىممەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «خەلق تورى»نى كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە تور ماركىسىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر