باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ج خ مىنىستىرلىقى تيەنجىندىكى ساختا دورا-دەرمەك مەھسۇلاتلىرى ياساش ئۇۋىسىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى

2017.01.17 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: 16-يانۋار، شىنجىڭ گېزىتىدە تيەنجىن شەھىرى جىڭخەي رايونى دۇليو كەنتىدىكى ساختا دورا-دەرمەك مەھسۇلاتلىرى ياساش ئۇۋىسىدا ياسالغان ساختا ۋە ناچار دورا - دەرمەكلەرنىڭ كۆپ جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تيەنجىن شەھەرلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇل خادىمىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بۇ ئىش توغرىسىدا دەرھال دوكلات قىلىشنى بۇيرىدى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى مەسلىھەتلىشىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ساختا تاۋار ياساش ۋە سېتىش ۋاقتى، ياساش ۋە سېتىش ئېقىمىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش قانۇنىغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ساختا، ناچار دورا-دەرمەك ياساش ۋە سېتىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈزەپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ج خ مىنىستىرلىقى تيەنجىندىكى نەق مەيدانغا بېرىپ، بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر