باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقىتىپ، كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتىنى يەنىمۇ ئازايتتى

2017.01.17 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 16-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھات لايىھەسى»نى تارقىتىپ، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىسلاھات لايىھىسىدە، 2013-يىلىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەتتە تۈركۈمگە بۆلۈپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىدىن 434 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئازايتىش نىسبىتى ئەسلىدىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ %70تىدىن ئاشتى.

  ئىسلاھات لايىھىسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كېيىنكى ئېنىقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئېشىپ قالغان 184 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش تۈرلىرىگە قارىتا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىش، ئېنىقلاش ۋە بىكار قىلىش كېرەك.

  ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىغا قارىتا، بىكار قىلىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قايتا يۈز بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم؛ تەكشۈرۈپ بايقالغان، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىنكاس قىلغان، ئامما پاش قىلغان بەلگىلىمىگە خىلاپ تەسىس قىلىنىپ يولغا قويۇلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرى بايقالغان ھامان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر