باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2017.01.17 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-يانۋار، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان كېسەللىك تۈرى سانى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، كونكرېت كېسەل تۈرلىرى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش يولى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى ئېنىق بولغان دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەل تۈرى ساھەسى بويىچە ھەق ئېلىش خىزمىتى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردا كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا 320 تۈردىكى كېسەللىك مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تاللىشىغا سۇنۇلدى. ئۇقتۇرۇشتا ئىككىنچى دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مۇئەييەن مىقداردىكى كېسەل تۈرلىرىنى تاللاپ، كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇشى، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونلىرىدا 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كېسەللىك تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدىغان كېسەللىكلەر تۈرى 100دىن ئاز بولماسلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جايلار «ئىلھام بېرىش، چەكلەش» پىرىنسىپى بويىچە ھەر قايسى كېسەللىك تۈرلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى ھەمدە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىشى لازىم. كېسەل تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش بىمارنىڭ كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قاتارلىق بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بىمارلاردىن كېسەل تۈرىدىكى خىراجەتلەردىن سىرت ئايرىم ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت ئۆلچەم داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ مۇۋاپىق تەننەرخىنى ئاساس قىلىپ، داۋالاش تېخنىكىسى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ئەمگەك قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ھەمدە ئىلگىرى ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەت قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر