سۈرەتتە: جۇڭگو تۆمۈريول سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدا، يولۇچىلارغا ئويۇن قويۇپ بەرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالى جۇڭگو تۆمۈريول سەنئەت ئۆمىكى بىلەن بىرلىشىپ، پويىز كۈتۈش زالىدا «ئۆيىگە قايتىش يولىدىكى ئىللىق كەيپىيات» ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پويىز ساقلاۋاتقان يولۇچىلارغا كۈلدۈرگە، ئېتۇت، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنداپ بېرىپ، يولۇچىلارنىڭ ياخشى كەيپىيات بىلەن يۇرتىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى