باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 4-ئەۋلاد ئەنئەنىۋى چىلىشىش ۋارىسى مېھمان ھەمرا «تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

2017.01.17 14:51   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدىكى 4-ئەۋلاد ئەنئەنىۋى چىلىشىش ۋارىسى مېھمان ھەمرا «تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، مۇساجان مۇھەممەد خەۋىرى) 2017-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، دۆلەت سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكىتى مەركىزى (سۇ كۇبى)دە 2016-يىللىق «تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش » مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يوپۇغا ناھىيەسىدىن كەلگەن 4-ئەۋلاد ئەنئەنىۋى چېلىشىش ۋارىسى 59 ياشلىق مېھمان ھەمرا مۇراسىمدا 3-نۆۋەت تارقىتىلغان مەملىكىتىمىزدىكى ئاممىۋى تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدىن يىلدا پەقەت بىرلا تەنھەرىكەتچىگە مەنسۇپ بولىدىغان «ئاممىۋى تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولدى.

  cctv «تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش بولۇشى بىلەن بۇ ئىستانسىنىڭ تەنتەربىيە قانىلىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ پائالىيەت ھازىرغىچە 12 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  مېھمان ھەمرا 1957-يىلى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قۇمۇشئېرىق كەنتىدە تۇغۇلۇپ، 40 نەچچە يىل ئەنئەنىۋى چېلىشىش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە بۇ تۈردە 200دەك شاگىرت تەربىيەلىگەن، ئۇنىڭ بەش ئوغلىمۇ دادىسىنىڭ تەربىيەلىشىدە يۇرتتىكى چېلىشچلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئۇنىڭ بوۋىسى بۆرەك ئاخۇن يۇرتنىڭ داڭلىق چىلىشچىسى بولۇپ، بوزرۈك بوۋىسىمۇ يۇرت-يۇرتلارنىڭ چىلىشچىلىرىنى يەر چىشلەتكەن داڭقى بار چىلىشچى ئىكەن. مېھمان ھەمرامۇ كىچىكلا دادىسى ھەمرا بۆرەكنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئاتا مىراس چېلىشىش كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان. ئوغلىنىڭ قىزىقىشىنى بىلگەن ھەمرا بۆرەك ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە يېزا-يېزىلاردا بولىدىغان چېلىشىش مۇسابىقىلىرىگە ئاپىرىپ قاتناشتۇرغان. ئۇ مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلىپ، چىلىشىشنى ئىزچىل توختاتمىدى. چېلىشىشقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ھەۋەس مېھمان ھەمرانىڭ بوش ۋاقتى چىقسىلا مەشق قىلىشقا، ياشلارغا بۇ توغرىسىدا ئۇنى-بۇنى ئۆگىتىشكە ئۈندەيتتى. ھەر بازار كۈنلىرى ھەر قايسى يۇرتلاردا بولىدىغان چېلىشىش مۇسابىقىلىرى بەك قىزىيتتى. ئۇ ئۆزى تەربىيەلىگەن شاگىرتلىرىنى باشلاپ، يۇرت-يۇرتقا باشقىلار بىلەن تۇتۇشقىلى بېرىپ، نەتىجە بىلەن قايتىپ كېلەتتى. بۇ ناھىيەدە ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر يىلى 5-ئايدا ناھىيە بويىچە چوڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر قايسى يېزا- بازارلاردىن كەلگەن چېلىشچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلەتتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە تاۋلاندى، كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلدى. ئوغلى نۇر مۇھەممەتنى قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىدە مەخسۇس چېلىشىش بويىچە تەربىيەلىدى، ھازىر 14 ياشقا كىرگەن نەۋرىسى قۇرباننى 6-ئەۋلاد چېلىشچى قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىدە مەخسۇس تەربىيەلەۋاتىدۇ.

  يوپۇغا ناھىيەسى چېلىشچىلار ماكانى

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا «چېلىشچىلار يۇرتى» دېگەن نامى بار بولۇپ، 2011-يىلى گوۋۇيۈەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسىغا كىرگۈزۈلگەن، مېھمان ھەمراغا دۆلەت غەيرىي ماددى مەدەنىيەت ۋارىسى، دەپ نام بېرىلگەن. يوپۇغا ناھىيەسىدە ئالتە-يەتتە ياشلىق بالىلاردىن 60-70 ياشلىق بوۋايلارغىچە چېلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيىچە چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى 2016-يىلى 5-ئايدا يوپۇغا ناھىيەسىدە ناھايىتى غەلىبىلىك ھەم تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئوغلانلار»نىڭ كارامىتى ۋە «شىنجاڭ روھى» نامايان قىلىنغان. يوپۇغا خەلقى ياقتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيىچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئۆتكۈزۈلۈشى ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى كاتتا مەرىكە بولۇپ، ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىسا، بۇ قېتىمقى مېھمان ھەمرا ئاكىنىڭ مەملىكىتىمىز تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كاتتا شەرەپكە ئېرىشىشى چېلىشىش ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈدىغان سانسىزلىغان ياشلارنىڭ مىللىيچە چېلىشىشقا بولغان ئىشەنچىسى ھەم بۇ تۈرگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز خەلقى «شان-شەرەپ»تىن سۆيۈندى

  2016-يانۋار كەچتە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلىدا بىۋاسىتە تارقىتىلغان 2016-يىللىق «تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخىسلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى»نى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈپ، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ھەمدە بۇ ساھەدە توختىماي كۆرەش قىلىۋاتقان تەنتەربىيە پىشۋالىرى ۋە تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ شانلىق نەتىجىسىدىن سۆيۈندى. ھاياتىنى مىللىي چىلىشچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان مېھمان ھەمرانىڭ جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخس بولۇپ باھالىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى.

  مېھمان ھەمراھ مۇنداق دېدى: ئاتا ۋارىس كەسىپىمنىڭ مېنى تەكلىماكاننىڭ چېتىدىكى يىراق بىر يېزىدىن مەركەزگە ئەكىلىپ زور شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتۈردىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن چولپانلاردەك دۆلەت سەھنىسىدە تۇرۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. 14 يېشىمدىن باشلاپ ئۆز ھەۋىسىم بويىچە 45 يىل چېلىشىپ، ئۆز يۇرتۇمدا خەلقىمنىڭ نۇرغۇن مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ كەلدىم. ھۆكۈمەتنىڭ مەندەك بىر ئاددىي دېھقانغا كاتتا سورۇندا كاتتا شان –شەرەپ بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ھاياجانلىق ياشلىرىم تۆكۈلدى. مەن يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن ، مەخسۇس بىر شاگىرت تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، كۈچ-ماغدۇرۇمدىن قالغۇچە ئىز-باسار تەربىيەلەپ، شىنجاڭ چىلىشچىلىقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بەرگەن شان-شەرىپىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا يوپۇغا ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى بەرىكەت ئابدۇقىيۇممۇ بىللە بارغان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: بىز يۇرتىمىزدىن ماڭغاندا بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا مېھمانكام قاتارلىق بەش ئاممىۋى تەنھەرىكەتچىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنىلا بىلەتتۇق. مۇراسىمدا رىياسەتچى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بەش ئاممىۋى تەنھەرىكەتچى ئىچىدىن مېھمان ئاكىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيىتقىنىدا بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، شۇنداق بىر كاتتا سورۇندىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا شاھىد بولالىغىنىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم. مېھمانكام ناھىيەمىزنىڭ چېلىشچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپ قان-تەر سىڭدۈرگەن كونا چېلىشچى، پەخىرلىك ئوغلانىمىز، ئۇ بۇ مۇكاپاتى بىلەن ناھىيەمىزگىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزغىمۇ زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىمىت سىدىق مۇنداق دېدى: مېھمان ھەمراھنى 15-يانۋاردىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ئامما ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. مېھمان ھەمراھ ئۆزى بىر دېھقان بولسىمۇ، ناھىيەمىزنىڭ چېلىشچى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە زور تۈرۈتكە بولغان. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەۋلادلارنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا ياراملىق چېلىشچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغىنىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ چېلىشىش تىرېنېرى ئەيساجان يۇنۇس مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر چېلىشىش ۋارىسى مېھمان ھەمرا ئاكىنىڭ پۈتۈن ھاياتى ۋە قان-تەرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چېلىشىش ماھارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش روھىغا بېغىشلاپ، مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىسى شىنجاڭ خەلقىنى، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ۋارسىلىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر چېلىشىش تەنھەرىكەتچىلىرىنى تەربىيەلەپ، شىنجاڭ چېلىشچىلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ
    ·قىزىل راۋاقتىكى چۈش كىلاسسىك ئەسىرى2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى بېيجىڭ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ زۆر…
    ·2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك …
    ·جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توش…
    ·«مەدەنىيەتلىك جۇڭگو - سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن قويدى(1)
    ·شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا ت…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپ…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2018- يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇ…