باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى يەڭدى

2017.01.16 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ماھىرى شىرئەلىجان مۇسابىقىدە گۇاڭدوڭ دوڭگۇەن بانكىسى كوماندىسى ماھىرى جۇ پېڭنىڭ مۇداپىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە. شۇ كۈنى، 2016-، 2017-مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 27-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 129:109 نومۇر بىلەن گۇاڭدوڭ دوڭگۇەن بانكىسى كوماندىسىنى يەڭدى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش كىشىنىڭ ئالغان نومۇرى ئوندىن ئاشتى، چەت ئەللىك ماھىر ئادامىس شۇ مەيداندا ئەڭ يۇقىرى بولغان 37 نومۇر ئالدى، جۇ چى 22 نومۇر ئالدى ھەمدە توپنى بەش قېتىم توستى، شىرئەلىجان، بلاتچى، قىرانبەگ ئايرىم-ئايرىم 19 نومۇر، 15 نومۇر ۋە 12 نومۇر ئالدى؛ گۇاڭدوڭ كوماندىسى تەرەپتە، سى لوڭ 35 نومۇر ئالدى، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئېلىپ، بەش قېتىم ھۇجۇمغا ماسلاشتى، بۇزېر 23 نومۇر ئالدى، جۇ پېڭ 16 نومۇر ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر