باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.01.16 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، «تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»، «ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»، «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»، «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بەش چارە دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەرگە قارىتا، ياخشى كادىر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تۈزۈم مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  بەش چارىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئوموميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش ئاساسىي تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش تەكىتلىنىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشتا، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، قانۇن-قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈشتە، قاتتىق باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي، خالىس مۇئامىلىدە بولۇپ، باھالاپ ۋە ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر