باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

2017.01.16 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، مۇتەخەسىس، ئالىملار ۋە كارخانا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ «<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتى> غا دائىر پىكىر ئېلىش ئورگىنالى» توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرنى ئاڭلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى گاۋ پېييۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش سالمىقى ئاشۇرۇلسا. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن زېڭ شياڭچۈەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: نۇقتىلىق رايون، كەسىپ ۋە كىشىلەر توپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تېخىمۇ قاراتمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلسا. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جۇ مىن مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ ۋە تۈگىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلسا.

  جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇھىدىن ليۇ خۇالۇڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى قوللاش كەيپىياتى داۋاملىق يارىتىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلسا. جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھىدىن جاۋ شۇاڭليەن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: يېزا ئىگىلىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلسە. TCL گۇرۇھىدىن لى دۇڭشېڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە مۇھىم، ئاساسىي، يادرولۇق تېخنىكا تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلسە. موبەي ۋېلىسىپىت شىركىتىدىن خۇ ۋېي مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى يېڭىلىق يارتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ ۋە قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى نورمال ھالەت تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلسە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر