باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ

2017.01.16 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەكتەپ 2017-يىلى ئوقۇتقۇچىلىق، لابوراتورىيە، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، دوكتور تەكلىپ قىلغانلارنىڭ دوكتور ئەكىرىش ھەققى 300 مىڭ يۈەن (باجمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، تەكلىپ مۇددىتى سەككىز يىل بولۇپ، يىلمۇ يىل تارقىتىلىدىكەن)؛ ئۇلار مەكتەپكە كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن؛ دوكتورنىڭ تەتقىقات ئالدىنقى مەزگىللىك خىراجىتى: سانائەت پەنلىرىنىڭ 50 مىڭ يۈەن، ئىجتىمائىي پەننىڭ 30 مىڭ يۈەن (تۈر بويىچە باشقۇرۇلىدۇ) بولىدىكەن.

  مەكتەپ 1949-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرگەندە قۇرۇلغان بولۇپ، 1996-يىلى 4- ئايدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى، بىڭتۈەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ۋە بىڭتۈەن مالىيە-ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەشكىللەنگەن.

  مەكتەپتە ھازىر ئىقتىساد، قانۇن، مائارىپ، مەدەنىيەت، تارىخ، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، دېھقانچىلىق، مېدىتسىنا، ئىگىلىك باشقۇرۇش، سەنئەت قاتارلىق 11 چوڭ پەن تۈرى بار بولۇپ، مەكتەپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (شەھەر، رايون)غا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ھازىرقى ئوقۇغۇچىسىنىڭ سانى 41 مىڭ 475 كىشىگە يېتىدۇ.

  مەكتەپ تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا مائارىپ مەركىزى قۇرۇپ، قازاقىستاندا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر