باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆزگەرتىلمەيدۇ، دېدى

2017.01.16 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا 15-يانۋار بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆزگەرمەيدۇ، دىققەتنى ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى، ئەندىزىسى ۋە دەرسلىرىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

  يېقىندىن يىللاردىن بېرى، نۇرغۇن پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى قىسقارتتى ياكى ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپلەر تىپىغا ئۆزگەرتىپ، مەكتەپ نامىنى ئۆزگەرتتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى بىر قەدەر ئاز بولغان، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان بىر قىسىم كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توختىتىلدى، پېداگوگىكا مائارىپى «چەتلەشتۈرۈش» خەۋپىگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت، پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىمتىھان بېرىشى بەزى كىشىلەرنىڭ پېداگوگىكا كەسىپلىرىنىڭ پىداگوگىكا خاراكتېرىگە بولغان قارىشىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ قارىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ «ئوقۇتقۇچىلار كەسپى تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى تەرەققىيات مۇھاكىمە يىغىنىدا، ۋاڭ دىڭخۇا مۇنداق تەكىتلىدى: بىر تۈركۈم پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ۋە پىداگوگىكا كەسىپلىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك، كەلگۈسىدە پېداگوگىكا كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتا كەسپىي گۇۋاھلىق بېرىش ئېلىپ بېرىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىشتە ئىلغار بولغانلارغا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى تارقىتىشقا بولىدۇ، گۇۋاھلىق بېرىشتە ئادەتتىكىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، گۇۋاھلىق بېرىشتە بىر قەدەر ناچار بولغانلارنىڭ پېداگوگىكا كەسپىي سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر