باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 1-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدۇ

2017.01.09 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىللىق شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش توردا تىزىملىتىلىدىكەن، تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭ ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى» ( http://www.xjzk.gov.cn/)غا كىرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 12گىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 3- ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار 2017-يىللىق شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا بولىدىكەن. 2017- يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتگە ئىگە بولغان ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھەسىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرگىلا تىزىملىتالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر