باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2017.01.09 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تونۇش بىلەن يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، دائىم، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي بولۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىگە تايىنىپ غايە،ئېتىقادنى ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئىجادچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، ليۇ يۇنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، تېخىمۇ چوڭ ئىرادە، كۈچىمىز، جاسارىتىمىز بىلەن چىڭ ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك، پارتىيەنى ياخشى قۇرساقلا ئاندىن خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ زور خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرالايمىز،زور خەتەرنى توسۇپ قالالايمىز، چوڭ توسالغۇلارنى يېڭەلەيمىز، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالايمىز، يېڭى غەلىبىگە يۈرۈش قىلالايمىز. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇشقا، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىدا بۆسۈش ياساشقا كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلىتىش، قىلچە سەۋر قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى توسۇشقا كۈچەپ، ئاممىنىڭ يېنىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈشنىڭ رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلاندۇردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسى مەسئۇلىيىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھى قەتئىي ئەمەلىيلەشتى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتى شەكىللەندى، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشتى، چىرىكلەشمەسلىك تۈزۈمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق توغىنى بەرپا قىلىنماقتا، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلدى، ئەمما يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق، مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر مەيدان كەسكىن، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش، شۇڭا خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى قىلىش كېرەك، چىرىكلىكنى جازالاش كۈچىنى قەتئىي ئاجىزلاتماسلىق، ئازراقمۇ سەۋر قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھەققانىيەت كۆرۈشىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش لازىم.

  دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ،مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ــ پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىكى ئىزچىل تەلىپى، ھادىسىدىن تۈزەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ،ھەم ئېغىر كېسەلنى ياخشى دورا بىلەن داۋالاپ، قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇش ھەم ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سىياسىينى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك، مەدەنىيەت ئىشەنچىسى ئارقىلىق غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىش كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، قەتئىي توغرا يولدا مېڭىشى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشى كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك ھەرىكەت، مەڭگۈلۈك نىشانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلگەن گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ باش تەلىپى ۋە ئاساسى ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر