باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى: غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورگان ئىشلىرى خىزمىتى ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.01.06 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى ئىشلىرى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 5-يانۋار «خەلق»سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەبرىكلىدى، ئورگان ئىشلىرى تارماقلىرىدىكى كادىرلار، خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، يولداشلار ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئىش ئورنىدا مەھكەم تۇرۇپ، ئەستايىدىل ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ھەر قايسى تارماق، ئورۇنلارنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەيدۇ، مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «تۆت خىل ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورگان ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ياخشى يېتەكلەپ، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاك-دىيانەتلىك، ئەمەلىيەتچىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورگان ئىشلىرى تارمىقى قۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادچان، تېجەشلىك بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھۈنەرۋەنلىك روھى ۋە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، ئەلالاردىن بولۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر