سۈرەتتە: ئوباما كىتابقا ئىمزا قويۇپ ساتماقتا (ماتېرىيال سۈرەت)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەسلىمە يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەلەم ھەققىگە ئېرىشتى. شۇنداقلا، بىرىنچى خانىم مىشىل ئاق سارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كىتاب يېزىش ئارقىلىق ھەم ئۆزىنىڭ تويلىشىش تۇرمۇشى، ھىلارى بىلەن بولغان ئاداۋىتى ۋە ئىككى قىزىنى قانداق تەربىيەلىگەنلىكى قاتارلىق تېمىدا نوتۇق سۆزلەپ، بۇ ئارقىلىق 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدۇ .
1995-يىلىدىن كېيىن، ئوباما ئۈچ كىتاب يېزىپ 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەلەم ھەققى تاپتى. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىشىل كىتاب يېزىشنى كېيىن باشلىغان ئىكەن. بۇ بىرىنچى خانىم ئوبامادىنمۇ بەكرەك خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىك سەۋەبىدىن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭ كىتابىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوبامانىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، نەشرىيات سودىگىرى چاقچاق قىلىپ، بىرىنچى خانىمغا كۆپرەك قەلەم ھەققى بېرىش كېرەك، دېگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى