باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى نامراتلارنى يۆلەش يولىدا باسقان ئىزلىرى

2017.01.03 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2016-يىلى، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان «بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ» تۇنجى يىلى. بۇ بىر يىلدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جياڭشى، ئەنخۇي، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق كونا ئىنقىلابى رايون ۋە نامرات رايونلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ماسلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پۈتۈن پارتىيەگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇمىي بۇيرۇقىنى چۈشەندى. يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى قىلىمەن» دېدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن بىللە نامراتلىقنى تۈگىتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ خۇلاسىسى ۋە نەزەرىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى.

  شى جىنپىڭ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم.....

  سىبا سوقۇۋاتامسىلەر؟ بۇنى ئون نەچچە مىنۇت سوقۇشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ-ھە! دېدى.

  دېھقان پېڭ شۈيشېڭ: سىز بەك ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، سىز بىر ياخشى شۇجى! دېدى.

  ......

  2016-يىلى چاغان ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ جياڭشىغا بېرىپ ئاممىنى يوقلىغاندا ، 75 ياشلىق دېھقان پېڭ شۈيشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا شۇ جىنپىڭنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىدى. باش شۇجى كۆپچىلىككە كونا ئىنقىلابى رايونلار ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش مۇساپىسىدا تەڭ قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك، بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ھەممىمىز تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىمىز دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىشىمىز، تەڭ بېيىش يولىدا مېڭىشىمىز، جىڭگاڭشەن تېغىغا ئوخشاش جايلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى يەنىلا ياخشى ئىشلىشى كېرەك، كونا ئىنقىلابى رايوندىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى، چوڭلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  (دېھقانلارنىڭ چاۋاك ئاۋازى): باش شۇجىغا رەھمەت!

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل، دابېشەن تېغىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان داۋەن كەنتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، بىر يېرىم سائەت ئۇچۇپ خېفېيغا بېرىپ، يەنە بىر يېرىم سائەت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جىنجەيگە يېتىپ بېرىپ، يەنە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاغقا كىردى.

  18-ئىيۇل، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيانىڭ شىخەيگۇ رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يامغۇرغا قارىماستىن ئىككى نامرات كەنتنى زىيارەت قىلدى: شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «يەم-خەشەك كۆممىقونىقى، بۇ ئۇنىڭ كىرىمى، ئەمگەك كۈچى 15 مىڭ، كالىدىن بىرسى قوتاندىن چىقسا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ، جەمئىي كىرىم....»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر بىر جايغا بارغاندا ھېسابات ۋە نامراتلارنى يۆلەش قوللانمىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى، ئەستايىل كۆردى، تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىن ھالدا مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە ھازىر 50 مىليون نامرات نوپۇس بار، 2020-يىلغىچە بۇنى ھەل قىلىش كېرەك، بۇ مېنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىم.

  20-ئىيۇل، شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئارىلىقتىن پايدىلىنىپ، شەرق بىلەن غەربى قىسىمنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ماسلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئاچتى. ئۇ شەرقىي بىلەن غەربىي قىسىمنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ماسلاشتۇرۇش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى جەزمەن ئۇزۇنغىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارنى غەربىي رايونغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش، ھەمدە كەڭ كۆلەمدە ئۇزۇن ۋاقىت بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇنى دۇنيادا پەقەت پارتىيەمىز ۋە بىزنىڭ دۆلىتىمىزلا قىلالايدۇ، بۇ بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ۋە تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىمىز. شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ماسلاشتۇرۇش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى جەزمەن ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 23-ئاۋغۇست، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرى بەنيەن كەنتىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەپ يېڭى كەنت قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بىر ئىزغا چۈشكەندىن كېيىن، تۈرلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشىلاش كېرەك.

  بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىزلىرى قالغان بۇ جايلاردا ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولماقتا.

  نىڭشيادىكى نامرات ئاھالە چېڭ يۇۋجياڭ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدە مەن ئۆتكەن يىلى 12 مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىدىم، 20 تۇياق قوي باقتىم، بەش، ئالتە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، نامرات ئاھالە دېگەن قالپاقنى ئېلىپ تاشلاشقا تىرىشىۋاتىمەن.

  جىنجەي ناھىيەسى داۋەن كەنتىدىكى دېھقان چېڭ زېشېن مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 70 ياشقا كىرەي دەپ قالدىم، يېڭى بىناغا كۆچۈپ كىرىمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مەن 2017-يىلى يەرگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ھەممىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تايىنىۋالساق بولمايدۇ، ئۆزىمىز ئەمگەك قىلىپ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمىز كېرەك.

  بەنيەن كەنت ئاھالىسى لۈ جىفا مۇنداق دېدى: مەن بۇندىن كېيىن ئامالنىڭ بارىچە ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىرىپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناي دەۋاتىمەن. قالغان كىشىلەر ئائىلىمىزگە كېرەكلىك ئاشلىقنى تېرىسا، ئۆيدىكىلەرنىڭ تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلساق دەيمەن.

  جياڭشىنىڭ شېنسەن كەنتىدىكى دېھقان لو لىنگېن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ھازىرغا قەدەر بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتتۇق.

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ 2017-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلغاندا بىر يىلدىن بۇيان، يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، دېدى. ئۇ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش يولىدا بىر ئادەمنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ دەپ قايتا تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەن يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى قىلىمەن، ئۇلارنىڭ تويۇنۇش، تۇرالغۇ مەسىلىسى، يېڭى يىل يىل چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئويلايمەن. پۈتۈپ پارتىيە پۈتۈن جەمئىيەت نامرات نوپۇس ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر