باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى خەۋپ-خەتەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى، جاڭ گاۋلى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2017.01.04 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئېلىمىزدىكى 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ يىللاردا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەپ چىڭ تۇتقاچقا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، لېكىن، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، پۇقرالارنىڭ يەنىلا نۇرغۇن ئارزۇسى بار، چوقۇم داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ۋە پۇختا ئىشلەپ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ چىڭ ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ كەسكىن جازا، ئەڭ ئەستايىدىل جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ بىردەكلىكى ۋە كەسپىيلىكىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەشكەن تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنى قۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ سۈپەت، بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە» بولغان تولۇق جەريانلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى خەۋپ - خەتەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر