باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزى قورۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلار چوقۇم تۆت يىل ھادىسە سادىر قىلمىغان بولۇشى كېرەك

2017.01.04 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)دا، دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

  «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۈلگە مەركىزى ئالىي مەكتەپلەر تەشكىللىگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەجرىبىلىك ئوقۇتۇشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم ئوقۇتۇش بازىسى بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردە قۇرغان دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە كۆرسىتىش سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنى ماكرو جەھەتتىن باشقۇرىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش سۇبيېكتى بولىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ئاپتونوم رايون ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك بۇ ئالىي مەكتەپ تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى ۋە پىلانى تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جايلار تۈر قۇرۇلۇشى، باھالاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر