باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا جۇڭگو 120 مىليون ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىپ، 67 مىليارد 900 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى

2017.01.03 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 2- يانۋار ئاشكارىلىشىچە، 2017- يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو جەمئىي 120 مىليون ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، نەتىجىدە، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 67 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان.

  جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتچىلەر ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ ھەق ئېلىشى دېگەندەك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقتىن، يېڭى يىللىق بايرام مەزگىلىدە يەنىلا ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە قىسقا يوللۇق ساياھەت قىلىشنى تاللىغان. بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا يوللۇق يولۇچىلار 112 مىليارد، ئوتتۇرا يوللۇق يولۇچىلار يەتتە مىيارد بولغان، ئىستىراھەت ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى ۋە شەھەر ئەتراپى ساياھىتى دېگەندەك ساياھەت شەكىللىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.

  تۆمۈر يول ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسى تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە، ئېلىمىز تۆمۈر يول تارماقلىرى جەمئىي 26 مىليون 727 مىڭ نەپەر يولۇچى توشۇغان، 461 يول پويىزنى ئارتۇق ھەيدىگەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق توشۇلغان يولۇچى ئىككى مىليون 600 مىڭ نەپەر دەپ مۆلچەرلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر