باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى يىل مەزگىلىدە بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان بىر قەدەر چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىدى

2017.01.03 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، يېڭى يىل مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە 2099 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان بىر قەدەر چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىگەن.

  يېڭى يىل مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوت ئۆچۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە كوچا مەھەللىلەردىكى كىچىك ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرى،ئاممىۋىي خاراكتېرلىك ئوت ئۆچۈرۈش كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، بايرامدىكى تەبرىكلەش، ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇنلىرى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خادىملار كۆپ سورۇنلار ۋە ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 35 مىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 128 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇننى تەكشۈردى، 177 مىڭ جايدىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىدى ۋە ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئاممىغا ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىپ، 6906 ئۇچۇر تارقاتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر