باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 3- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى

2017.01.03 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 1- يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 3- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلىرىدا، شۇ كۈنى يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەق مەيدانلىرىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى رەسمىي تىزىملاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك 3- قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ تىزىملاپ نەق مەيداندا سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ، 2017- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 50 مىڭ نەپەر نوپۇس تەكشۈرگۈچى خادىملار بىر تۇتاش تەكشۈرۈش كىنىشكىسى تاقاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 320 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان، 8733 كەنت دەرىجىلىك ئورۇن ۋە 29 مىڭ ئىدارىگە قارىتا بىرمۇبىر ھالدا ئائىلىلەر ۋە ئىدارىلەرگە بېرىپ تىزىملاپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغانلارنىڭ 2016- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئائىلە ئەھۋالى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي توپلاپ خاتىرىلەپ، ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئۈسكۈنىسى سۈپىتىدە قولدا كۆتۈرىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان تېرمىنال PDA ئارقىلىق، نەق مەيداندا سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئۇلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش، ھەمدە ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرىغا بىۋاسىتە يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر