ئىراقنىڭ پايتەختىدە پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 35 كىشى قازا قىلدى
2017.01.03 14:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 2-يانۋار مۇنداق دېدى: پايتەخت باغدادتا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىللىق بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 35 كىشى قازا قىلدى، 61 كىشى يارىلاندى.
نۆۋەتتە بىرەر تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
سادىر شەھىرى شىئە مەزھىپىدىكى پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى كۆپ قېتىم بۇ رايوندىكى پۇقرالارغا ۋە شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر