خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە تەلىپىنى چۆرىدەپ، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»غا نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىلنى تۇتۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە، ئۆزىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكىنى ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە نازارەتچىلىك تەدبىرىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى رەتلەپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇم دائىرىدە پىكىر ئالدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، نۇقتىلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، پارتىيە ئىچىدە سىياسىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئاڭلىق ھالدا نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش، پاك، تەلەپچان بولۇش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇتۇق ماتېرىيالى يېزىپ چىقتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر-بىرلەپ پىكىر بايان قىلىپ، تەلەپكە ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە تونۇش چوڭقۇر، تەسىرات ھەقىقىي، مەسىلىلەر قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پىكىرلەر سەمىمىي، ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كۈچلەر يەنىمۇ مۇجەسسەملەندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى