باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2016.12.20 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، جايلاردىن تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتى __ مائارىپ تارماقلىرى بىلەن مەكتەپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرغان، كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش، مەركەزلىك ياتاق-تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بىلەن ساياھەت ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكى بىلەن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانلاپ، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى بىلەن مەكتەپتە ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەكتەپ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 4-،5-، 6-يىللىق، تولۇقسىز 1-، 2-يىللىق، تولۇق 1-، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا يۇرت مېھرىنى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ناھىيە-شەھەر ئەھۋالىنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا دۆلەت-ئۆلكە ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان دەرس سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر