خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 19- كۈنى, بېيجىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى لۇ جىخۇ 4G تور دەرسخانىسىدا بىۋاستە كۆرسىتىپ دەرس ئۆتمەكتە.
شۇ كۈنى، تۇمانلىق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، بېيجىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس توختىتىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس توختاتقاندىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپى 4G تورى دەرسخانىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ماتىماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچە غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەق مەيداندا دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا سىن ھۆججەتلىرىنى دەرقەمدە قوبۇل قىلىپ، ماس قەدەمدە دەرس ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالىدى، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەرستىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار تور دەرسىنى قايتا قويۇپ كۆرەلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى