باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.12.05 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش- دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىدەك غايەت زور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنى جەزمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. «13ـبەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپى مائارىپنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشنى، بازارغا يۈزلىنىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە غوللۇق كەسىپلەرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، زور بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارىغا ۋە ھۈنەرۋەن روھىغا ئىگە يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە ئىختىساسلىقلارنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 2025-يىللىق» ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈركۈچ كۈچ تەرەققىياتى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر