باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مائارىپتا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ

2016.12.08 09:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مومىسىنىڭ راك كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن، دەرس بېرىدىغان مۇئەللىمىدىن رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ مومىسىنى يوقلىماقچى بولغان. لېكىن مۇئەللىمى ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ: سىز ھاياتلىق مەسىلىسىنى قىلچە ئويلاشمىغان ھالدا ئۆگىنىش قىلالامسىز؟ دەپتۇ مۇئەللىم، گەرچە كېيىن مەكتەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ مومىسىنى يوقلاشقا ماقۇل بولغان، ھەمدە جامائەتكە چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دەرس بېرىدىغان مۇئەللىمنىڭ ئۇ خىل جاۋابىغا قارىتا نۇرغۇن تورداشلار خەت قالدۇرۇپ ئۇ مۇئەللىمنى ئەيىبلىگەن ئىكەن. مۇئەللىم باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، مائارىپتا مېھرىبان بولۇشى كېرەك ئىدى.

  «مۇھەببەت دۇنياغا تارقالسۇن» دېگەن بۇ ئەقلىيە سۆزى داڭلىق مائارىپشۇناس تاۋ شىڭجې ئەپەندىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان ئەڭ مۇھىم مائارىپ ئىدىيەسىدۇر. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كېلىش نىسبىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، بۇ بىر ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقتۇر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى قېلىپلىشىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردۇر. ئەگەر ئۇلار مەكتەپ مائارىپىدا مېھرى-مۇھەببەتنى ھېس قىلالىسا، ئۇلار كىشىلىك ھاياتىدىكى «تۇنجى قەدەمنى توغرا بېسىش» ئۈچۈن، بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ ئۇلارغا چوقۇم پايدىسى بولىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ پۈتكۈل جەمئىيەتكە چەكسىز ئىجابىي ئېنېرگىيە ئېلىپ كېلەلەيدۇ .

  ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھرى بولسا، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ھېسابلىنىدۇ، «دەرسخانىغا چىقىش نىسبىتى» دەيدىغان ئۇ خىل رەھىمسىز نىسبەت بىلەن ئىللىق ھۆرمەت ۋە ۋاپادارلىق دېگەنلەر بىريەرگە كەلسە، قانداق تاللاش كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۆزى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان چوڭلارنى بېقىپ ۋاپادارلىق كۆرسەتكەندە، ئۆزى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقىلارنىڭ چوڭلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى بېقىپ ۋە تەربىيەلىگەندە، ئۆزىمىز بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقىلارنىڭ بالىسىنىمۇ ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈڭ، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىمۇ سۆيۈڭ، مائارىپتا مۇھەببەت بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر