2017-يىلى «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر يىل، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يىل. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، ئىگىلەش ۋە ئۇنى يېتەكلەش ئارقىلىق، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ مۇقىم، كەسىپ سىياسىتىنىڭ توغرا، مىكرولۇق سىياسەتنىڭ جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، ئىجتىمائىي سىياسەتتە ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىشتەك سىياسەت تەپەككۇرىدا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كۆزلىمە نىشاننى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھازىرقى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، 2016-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى شەرھلەپ ئۆتۈپ، 2017-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەت يۆنىلىشىنى شەرھلەپ ئۆتۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى