باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى

2016.12.19 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-دېكابىر يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2017-يىلى-13-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر يىل شۇنداقلا تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يىل، شۇڭا مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمى، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، كېلەر يىلى تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇنداق تۆت مۇھىم نۇقتىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1-ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى ئازايتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ 2-يېزا ئىگىلىكنىڭ تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ 3-ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈش؛ 4-ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  زىيارەت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق %6.5 تىن %7 گىچە بولغان دائىرىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئېشىشى-دۇنيا ئىقتىسادىغا يەنە بىر ئوتتۇرھال كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدىنى كۆپەيتىپ بەرگەنگە باراۋەر كېلىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ يۈەنچۈن مۇنداق دېدى: مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمى-يېڭى تۇراقلىق ھالەتتىكى دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مېتودولوگىيەسى بولغان مۇقىم ئىلگىرىلەش بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىچكى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆز ئارا جىپسىلىشىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ توڭسەن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يىغىندا، 2017-يىلىدىكى مالىيە، پۇل سىياسىتى ھەققىدە، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئاجىز، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىلا يېتىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  يىغىندا پېرېۋوت نىسبىتى ھەققىدە، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەسىنىڭ ئاساسەن مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم دەپ كۆرسىتىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ يۆۋېن مۇنداق دېدى: بۇ-يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر زور داۋالغۇشىغا قارىتىلغان بولۇپ، مەركەزنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى سىياسىتىگە بولغان ئومۇمىي قارىشىنى يەنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەدبىردە، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدە داۋالغۇشىنى تەكىتلەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتسە، ھۆكۈمەتمۇ قاراپ تۇرمايدۇ.

  جۇڭگو نۆۋەتتە يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15 تىن ئاشىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى %6.5 تىن %7 گىچە بولغان دائىرىدە ئاشۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا قوشقان مۇھىم تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %25 تىن ئاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىقتىسادنى داۋاملىق تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە جۇڭگو يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماتورىغا ئايلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر