باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرىدۇ

2016.12.02 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- نويابىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى 2016-2017- ئوقۇش يىلىنىڭ 1- مەۋسۇمىدا ئوقۇغۇچىلاردىن سىناق ئېلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تۈرى گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ چىققان. لايىھە ئىلمىي نۇسخا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە ھەم نوپۇس ۋە شەھەر - يېزا قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، يەتتە ناھىيە، شەھەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 1- يىللىقتىن 8- يىللىققىچە بولغان 60 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان پەن بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن 6- يىللىقىغىچە ئۈتۈلىدىغان ماتېماتىكا، تىل ۋە ئەدەبىيات (خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، قىرغىز تىلى ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خەنزۇ تىلى (ئىنگلىز تىلى)، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنگلىز تىلى بولسا، 3- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە ئۆتۈلىدىغان ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلىنغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىقتا تەكشۈرۈلىدىغان پەنلەر بولسا ماتېماتىكا، تىل ۋە ئەدەبىيات (خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، قىرغىز تىلى ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، تارىخ، جۇغراپىيە، بىيولوگىيە، ئىدىيە - ئەخلاق بار؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىقتا تەكشۈرۈلىدىغان پەنلەر بولسا ماتېماتىكا، تىل ۋە ئەدەبىيات (خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، قىرغىز تىلى ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، فىزىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، بىيولوگىيە، ئىدىيە - ئەخلاق قاتارلىق پەنلەر بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر