باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى دىپلوم تارقىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى باغلىۋېلىشقا بولمايدۇ دېدى

2016.12.09 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش، 2017- يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاساسىي قاتلاملار ۋە نۇقتىلىق ساھەلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھام بېرىپ، جايلاردىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بېرىپ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى، داۋالاش ۋە سەھىيە قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھام بېرىپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى غەربىي رايون، شەرقىي شىمال رايونى ۋە جاپالىق چەت رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى پىلانى»، «ئىستۇدېنت كەنت كادىرى»، «غەربىي رايون پىلانى» قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرلىرىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قۇيۇش، جايلار يەرلىكنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە تىزىملاش، باجنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىش كېرەك. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە ئوقۇش نومۇرىنى جەملەش ۋە ئالماشتۇرۇش، ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىپ ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئالاقىدار كەسىپكە كىرىپ ئۆگىنىشىنى قوللىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر