باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.12.05 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل 5 – ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىڭغا يېقىن يەسلىدىكى 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى مۇسابىقىگە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، 45 ئوقۇتقۇچى قاتمۇقات تاللاشتىن ئۆتۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ماھىرلار بۇ قېتىم يېرىم كۈنلۈك پائالىيەت لايىھەسى، بالىلارنى كۆزىتىش ۋە باھالاش، مۇھىت لايىھەسى، رەسىمگە قاراپ بايان قىلىش، بالىلار ئۇسسۇل ئىجادىيىتى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن. ئاپتونونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇل مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەسلى مائارىپى قارىشى تۇرغۇزۇشى، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرۈشكە مەخسۇس تەشكىللەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭدىن كېيىن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى نامايان قىلىشى ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە تېخىمۇ كۆپ سەھنە ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ ‹‹يەسلى مائارىپى يېتەكچى پىروگراممىسى››، ‹‹3 ~ 6 ياشلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش – تەرەققىيات يېتەكچىسى››نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر