باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەرلىك مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا بولىدۇكى تۆۋەن بولمايدۇ

2016.12.08 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا يېقىندىن تايىنىپ، ئىلغار ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۆمۈر بويى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاشنى كۆپ قېتىم كۆرسەتتى. ئوقۇتقۇچىلىقنى كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشتا، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەمىنات كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  تەشكىلىي جەھەتتە يار-يۆلەك بولۇش. ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتەك ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا تولۇق ئىشىنىپ، ئىدىيەدە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتتە شارائىت يارىتىپ، تۇرمۇشتا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېقىن دوستى، غەمگۈزارى، سىردىشى بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش، سىردىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى نەتىجە ھاسىل قىلىش ۋە ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تالانتى ۋە ئىجادچانلىق كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  خىزمەتتە ئۆز لايىقىدا بولۇش. زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، بايلىق تەقسىملەش، كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشتات باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تولۇقلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېتەرلىك خادىم سەپلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتا تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش كېرەك.

  تۇرمۇشتا تېخىمۇ قەدىر-قىممىتى بولۇش. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائاش سەۋىيەسىنىڭ يەرلىك مەمۇلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا بولىدۇكى تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تەقسىماتى رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈم مائاشىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر