خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 18- كۈنى, سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەلەب شەھىرى كىپلىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان رايوندىن چېكىنىپ چىققان پۇقرالار ئوت يېقىپ ئىسسىنماقتا.
بۇ سەرگەردان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەلەب شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى كىپلىڭ بازىرىغا جايلاشقان ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئۇلارنى ئۇرۇش ئوتىدىن پاناھلىنىدىغان ماكان بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ھەلەبنىڭ قەھرىتان قىشىنىڭ سوغۇقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى يوق بولغاچقا، ئۇلار ئامالسىز ئوت قالاپ ئىسسىندى. ئوتۇنى تۈگەپ قالغاندا، ئۇلار كارىۋات سېلىنچىسى، سۇلياۋ بوتۇلكا ۋە ئوراش-قاچىلاش قۇتىسى دېگەندەك كۆيدىغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈردى. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئىچىدە قاپقارا ئىس كۆتۈرۈلۈلۈپ، گالنى ئېچىشتۇرىدىغان سېسىق پۇراق قاپلاپ كەتتى. ھەلەب سەھىيە تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋا سوغۇق، تازىلىق شارائىتى ناچار بولغاچقا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە تېرە كېسىلى بۇ يەردە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى