باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «13-بەش يىل»لىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەسلى ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى

2016.12.22 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىىستىرلىقى 20-دېكابىر «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ‹13- بەش يىل› دىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى. «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەرنى باشلامچى قىلىپ، بىرقانچە خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت تەجرىبەخانىسى، چوڭ-چوڭ ئىلمىي ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ۋە بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللىگە ئايلاندى.

  «پىلان» دىكى ئاساسىي نىشان: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۈپىتى ۋە خەلقئارا ئىلمىي تەدبىر كۈچىدە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش؛ئېچىۋېتىلگەن، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئۇنىۋېرسىتېت پەن تەتقىقات تەشكىلى مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تىرەپ بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلىرى كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلىنىش كېرەك. كونكرېت نىشان: ئەسلى ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر