باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئاتاقلىق ئەربابلار بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى توغرىسىدا توختالدى

2016.12.20 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى ئاتانبايېف بىلەن قازاقىستاننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئوراز جاندوسۇپ قاتارلىق خەلقئارادىكى ئاتاقلىق ئەربابلار بىرلىكتە، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلەر تەتقىقات ئاكادېمىيەسى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىر بەلباغ بىر يول لېكسىيە مۇنبىرىنىڭ مۇزاكىرەسىگە قاتناشتى. جۇڭگو تەرەپ ئىلىمى ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارغاندا، ئۇلار بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ۋە ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى چىن يۇروڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۈگۈنكى تەرەققىيات مەزگىلىدە، بىر بەلباغ بىر يول ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كەلدى. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى، يەنى ئايرودۇرۇم، پورت، تاش يول، تومۇر يول قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تومۇر يول تېخنىكىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئىلىپ كېلىپ، ئۇ يەردە يېڭى قىياپەت ۋە يېڭى تەرەققىياتلارنى بەرپا قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر