باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «13-بەش يىللىق ساياھەتچىلىك كەسپىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتتى

2016.12.27 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا، «13-بەش يىللىق ساياھەتچىلىك كەسپىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى. «پىلان» دا، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلىك كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى، ئاساسىي نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ، ئېلىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەرىكەت پروگراممىسى ۋە ئاساسىي قوللانمىسى ھېسابلىنىدۇ.

  «پىلان» دا، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىي تەرەققىياتىدا تۆۋەندىكى تۆت چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىنى مۇقىم ئاشۇرۇش. شەھەر، يېزا ئاھالىسىدىن ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 ئەتراپىدا، ساياھەتچلىكتىن قىلىنغان كىرىمنى يىلغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11 تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش، ساياھەت بىۋاسىتە مەبلىغىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14 تىن ئاشۇرۇش. 2020-يىلىغا بارغاندا، ساياھەتچىلىك بازىرى ئومۇمىي كۆلىمىنى 6 مىليارد 700 مىليون ئادەم قېتىمغا، ساياھەت مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسىنى 2 ترىللىئون يۈەنگە، ساياھەتچىلىك كەسپى ئومۇمىي كىرىمىنى 7 ترىللىئون يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش. ساياھەتچىلىكنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە ئۇنىۋېرسال تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى %12 كە يەتكۈزۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئاممىنى تېخىمۇ رازى قىلىش. ساياھەت قاتنىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، بازار تەرتىپىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، ساياھەت مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» دا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش. چېگرىدىن كىرىپ ساياھەت قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش، چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر