باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورىدا «ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى» ئېلان قىلىندى

2016.12.26 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 23-كۈنى، خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر نەق مەيدانىدا خەلق تورىنىڭ باش مۇھەررىرى يۈ چىڭچۇ «2015-، 2016- يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى»نى ئېلان قىلدى.

  تىزىملىكنى خەلق تورى مائارىپ قانىلى، خەلق تورى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قېزىش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەسىر كۈچى، يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەسىر كۈچى، تور جامائەت پىكرى تەسىر كۈچى، پەن تەتقىقات تەسىر كۈچى، مەكتەپداشلار تەسىر كۈچى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلچەملەر چۆرىدىلىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق 126 نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ۋە جايلاردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 100 ئالىي مەكتەپ ئېلان قىلىندى.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم رەت تەرتىپدە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 94.55 نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، چىڭخۇا ئونىۋېرسىتېتى 94.33 نومۇر بىلەن ئومۇمىي نەتىجىدە 2- ئورۇندا تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر