باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.12.27 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سوچىغا يېقىن دېڭىزدا چۈشۈپ كېتىپ، يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، بۇ كېلىشمەسلىككە چوڭقۇر ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-دېكابىر رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر