- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
2016.12.27 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن 26-دېكابىر كەچتە ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ بان كىموننىڭ ب د ت باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئون يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان پائال تىرىشچانلىقلىرى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يۈزلىنىۋاتقان يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلار ناھايىتى كۆپ، بۇ دۇنيانىڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلىشىنى كۈچەيتىش، ب د ت نىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج. باش كاتىپ بان كىمون ب د ت نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ب د ت كاتىبات باشقارمىسىنى خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» قاتارلىق مۇھىم نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ ھەمكارلىقى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو ب د ت ئىشلىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئەپەندى بىلەن قويۇق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ب د ت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر