باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتىشسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

2016.12.23 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئومۇمىي يىغىنى 22-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل، ئېلىمىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز كۆرۈلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى كۆپ چىقىش، قاتتىق يامغۇر كۆپ يېغىش، كەلكۈن ئاپىتى دائىرىسى كەڭ بولۇش ئالدىنى ئېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق كۆرۈپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، 1998-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق كەلكۈن ئاپىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەۋرەنمەس كۈرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بارلىق كادىرلار ۋە ئامما، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز! دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، ساقلانغان ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە چوڭ-چوڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەسىدىكى يېتىشسىزلىكلەرنى تولۇقلاش؛ تەكشۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت ۋە خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىقتىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە كەلكۈن ئاپىتى ئېغىر شەھەرلەرنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر