باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل»نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش خىزمىتى تاماملاندى

2016.12.26 16:25   مەنبە: خەلق تورى

چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل»نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش خىزمىتى تاماملاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) شىنجاڭ «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل»نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش خىزمىتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  فىلىمنىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا «جۇڭگونىڭ زامانىۋى ئۇسسۇل پېشۋاسى» دەپ نام ئالغان جىن شىڭ ئۇستازمۇ قاتناشتى ھەم بۇ فىلىمغا يۇقىرى باھا بەردى.

  «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمى بۇ يىل 9-ئايدا سۈرەتكە ئىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، فىلىمدىكى باش رولنى «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل» سەھنىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلمىھرە مۇھەممەت بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە شۆھرەت قازانغان ياش ئۇسسۇلچى ئۈمىد ئوبۇل ئالغان. فىلىم يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرتلاردا سۈرەتكە ئىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان ئاماننىساخان مەقبەرىسىگە ئوخشاش مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمنى ئىشلەشنىى مەملىكىتىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئۈسىتىگە ئالغان بولۇپ، ناخشا-مۇزىكا، كىيىم-كېچەك، ئۇسسۇل ئىجادىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئىجادىيەتچىلەرگە تاپشۇرۇلغان. فىلىم مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان يەن چىڭشيۇ رېژىسسورنىڭ ياش ئۇسسۇلچىلارنى ھەر تەرەپتىن يېتەكلىشى ۋە ئۇسۇلچىلارنىڭمۇ جاپاغا چىداپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاكتىيورلۇق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشى نەتىجىسىدە، فىلىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

  فىلىمنىڭ مۇزىكىسى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەۋلان مەمىتىمىن، ئەكبەر قاتارلىق بىر تۈركۈم قابىلىيەتلىك ياشلارنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، فىلىمگە كىرىشتۈرۈلگەن گۈزەل مىلودىيە، يېقىملىق ئاھاڭلار شىنجاڭنىڭ يارقىن ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

  ئۇسسۇلنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ ياش ئۇسسۇل رېژسسورى زەبىجان ئادىل ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدە ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل، ئوردا ئۇسسۇللىرى، تاجىكچە ۋە زامانىۋى ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، ياشلارنىڭ ئېستېتىك زوقىغا ماس زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەندىزىسى يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.

  فىلىمدە رول ئالغان ئارتىسلارنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ئالىم ئادىل كىيىم لايىھەلەش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىمجان لايىھەلىگەن بولۇپ، كىيىم-كېچەكتىمۇ ئەنئەنىۋى كىيىملەر زامانىۋى پاسوندا لايىھەلىنىپ، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئالاھىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  «جۇڭگونىڭ زامانىۋى ئۇسسۇل پېشۋاسى» جىن شىڭ فىلىمغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. جۇڭگودا ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەشكە شىنجاڭدىنمۇ ئارتۇق نامزات يوق. مەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى مۇكاپاتىمنى شىنجاڭدىكى ئۇستازلار ئۆگەتكەن تاجىكچە ئۇسسۇلنى ئويناپ ئېرىشكەن. بۇ فىلىمنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ئىنتايىن ياخشى بولدى. شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئىنتايىن گۈزەل ھەم نەپىس، شىنجاڭ تېمىسىدىكى كىنولار ئىچىدە ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم بولمىسا بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى، بۇ فىلىم شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ھالدا مەملىكىتىمىزگە تونۇتىدۇ. بۇ فىلىم جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. ئىشىنىمەن فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكىتىمىز تەۋەسىدە زور تەسىر قوزغايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا 2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 26 مىڭ ئادەم تىزىملاتت…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «13-بەش يىل»لىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەر…
    ·تۇمان-تۈتەك ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، 4G تورى ئارقىلىق ئوقۇتۇش «كارامىتىنى كۆرسەتتى»
    ·تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئاتاقلىق ئەربابلار بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى توغرىسىدا توختالدى
    ·ئالىپوف ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بولدى
    ·مىرزىيايېف قەسەم بېرىپ ئۆزبىكىستان زوڭتۇڭى بولدى
    ·قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى
    ·كېلەر يىلى 8 مىليون ئىستۇدېنت مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەيدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى دىپلوم تارقىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى باغلىۋېلىشقا بولماي…