باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشدىكى غايەت زور بومبا بايقالدى، 54 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

2016.12.26 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋگۇسبۇردا 54 مىڭ كىشى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ روژدېستىۋا بايرىمىنى ئۆتكۈزەلمىدى، چۈنكى بۇ شەھەردە يېقىندا 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى غايەت زور بومبا بايقالدى، بومبىنى پارتلىتىشىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، پۇقرالار روژدىستىۋا بايرىمىدا ئويلىرىدىن چېكىندى. بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشتىن بۇيان گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلاندى. ئىشچىلار ئۆتكەن ھەپتە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، 1.8 توننا ئېغىرلىقتىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشدىكى بۇ بومبىنى بايقىغان، بومبىنى چۇۋۇش مۇتەخەسسىسلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 25-دېكابىر بومبىنى پارتلاتماقچى بولغان. 1944-يىلى 2-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ نەچچە يۈز بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئاۋگۇسبۇر شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ شەھەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ۋەيران قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر