باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ

2016.12.26 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنى 25-دېكابىر ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنى ئېچىش ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ قارارغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسى تۆۋەندىكىدەك: خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2016-يىللىق خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2017-يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، 2017-يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىسىملىكى ۋە سايلام مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارە لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت سوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر