باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2016.12.26 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش – پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، تۈپ تەدبىرى. پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشى، كۆپلىگەن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەردە غەلىبە قىلىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى، تۈزۈملىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى نىزام، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر