باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىندى

12- ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىنىدۇ

2016.12.26 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017-يىلىدىكى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب [2016] 17- نومۇرلۇق)نىڭ روھىغا ئاساسەن، 2017-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىشنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇردى:

  2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (يەكشەنبە، يېڭى يىل كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ، شەنبە كۈنى بىلەن قوشۇپ جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىنىدۇ.

  بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار دىژورنىلىك ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر