خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- دېكابىر، تاماشىبىنلار تۆتىنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «تۆتىنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ مۇزېيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە جەمئىي 327 پارچە ماي بوياق ئەسەر يىغىلغان بولۇپ، ئۇلار باھالانغاندىن كىيىن، 73 نەپەر رەسسامنىڭ 80 پارچە ئەسىرى كۆرگەزمىگە تاللىنىپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ۋە ياشلاردىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلاد رەسساملارنىڭ ئەسىرى توپلانغان. كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر شىنجاڭنىڭ جەمىئەت تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ھەيۋەتلىك تەبىئەت مەنزىرىسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. كۆرگەزمە 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى