باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن قىسمەن رايون ۋە مەركەزنىڭ بېيجىڭدىكى قىسمەن ئورگانلىرىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» نى ۋەقىتلىق تەڭشەپ تەدبىقلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى قارارى

2016.12.26 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2016-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەمۇرلار تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەمۇرلار كەسپى بىلەن كەسپىي دەرىجىسىنى بىرلەشتۈرۈش، كەسپىي دەرىجىسى بىلەن تەمىناتىنى باغلاش، مەمۇرلارنىڭ كەسپىي دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مەمۇرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا مۇنۇلار قارار قىلىندى: گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋە خېپىڭ رايونى، شىچىڭ رايونىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋە چىڭداۋ شەھىرى، ۋېيفاڭ شەھىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋە يىچاڭ شەھىرى، شياڭياڭ شەھىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋە ميەنياڭ شەھىرى، نېيجياڭ شەھىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى پرىيوم-كارانتىن باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەننىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۆز دەرىجىلىك ئورگانلىرى (بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دا مەمۇرلۇق كەسپى بىلەن كەسپىي دەرىجىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» 15-ماددىسى، 16-ماددىسىنىڭ 1-،3-تارمىقى، 17-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 19-ماددىسىنىڭ 2-،3-تارمىقى، 21-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 44-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 45-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 64-ماددىسى، 65-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، 73-ماددىسىنىڭ 1-،2-تارمىقىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن باشقا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەدبىقلايدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايدۇ. سىناق نۇقتا مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، سىناق نۇقتا چارىسى بېسىپ تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ قارار 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر